Pirakmu Gul/花若幽情 - xarwazi·阿里
能正常播放的歌曲才可以下载
编曲 : xarwazi·阿里
پىراقمۇ گۈل
قومۇل 12 مۇقامىدىن ئارىيە
ئاۋاز ئۈنۈم ئەلىجان ئاقسوپا
تەرجىمان ئەزھەرجان مەھمۇد
كۈن چىقىشتىن كۈننى كۆردۈم كۈن پېتىشتىن ئاينى
ئايدا يىلدا بىرلا ئىزدەپ تاپتىم سېنىڭدەك يارنى
بىرگە بىر رازى يەي يارىمغا مەن ئارزۇ يەي
ئالدىڭدىكى يانىڭدىكى چىلىم سالادۇ يەي
مۇزىكا
ياغلىقىمنىڭ ئۇچىغا تۈگۈپتىمەن پەرگادىنى
چاغلىماي كۆڭۈل بېرىپ سۆيۈپتىمەن ئەۋارىنى
بىرگە بىر رازى يەي يارىمغا مەن ئارزۇ يەي
ئالدىڭدىكى يانىڭدىكى چىلىم سالادۇ يەي
مۇزىكا
ئەسسالام دەپ ئۆيگە كىرسەم ئۆيدە بىر ئاي ئولتۇرۇر
قاشلىرى قىيغان قەلەمدەك كۆزلىرى ئويناپ تۇرۇر
ۋاي ۋاي جېنىمەي ۋاي ۋاي خېنىمەي
بولسا قاناتىم ئۇچسام ھاۋاغا
ئەرزىمنى ئېيتەي سۆيگەن نىگارغا
ۋاي ۋاي جېنىمەي ۋاي ۋاي خېنىمەي
مۇزىكا
بېرىشىڭنى يولدا كۆردۈم يېنىشىڭنى كوچىدا
كوچىدا باسقان ئىزىڭ بولدى كۆزۈمگە توتىيا
ۋاي ۋاي جېنىمەي ۋاي ۋاي خېنىمەي
بولسا قاناتىم ئۇچسام ھاۋاغا
ئەرزىمنى ئېيتەي سۆيگەن نىگارغا
ۋاي ۋاي جېنىمەي ۋاي ۋاي خېنىمەي
مۇزىكا
بىدىلىكمۇ بىدىلىك بىدە يولىدا جىگدىلىك
مېنىڭ ئاندا بىر يارىم با ھەممە خەققە بەلگىلىك
ۋاي ۋاي جېنىمەي ۋاي ۋاي خېنىمەي
بولسا قاناتىم ئۇچسام ھاۋاغا
ئەرزىمنى ئېيتەي سۆيگەن نىگارغا
ۋاي ۋاي جېنىمەي ۋاي ۋاي خېنىمەي
展开