cover

Kutalamsan - Sanubar Tursun

Kutalamsan-Sanubar Tursun.mp3
作词 : Jappar Amat 作曲 : Sanubar Tursun ساڭا ئېيت...
作词 : Jappar Amat
作曲 : Sanubar Tursun
ساڭا ئېيتار سۆزلىرىم كۆپتۇر،
ئېيتالمايمەن لېكىن ھەممىنى.
سورىۋالاي ئايرىلىش پەيتتە،
كۈتەلەمسەن مەڭگۈگە مېنى.

كۈتەلەمسەن ھىجران دەشتىدە،
يىللار ئەگەر بولسا بەك ئۇزاق.
قۇندۇز چېچىڭ بۇغدا تىغىنىڭ،
قارلىرىدەك بولۇپ كەتسە ئاق.

كۈتەلەمسەن نىھال قامىتىڭ،
قېرىلىقتىن كەتسە مۈكچىيىپ.
پېشانەڭگە قورۇقلار كىرىپ،
ئالما رەڭگىڭ كەتسە ئۆزگىرىپ.

كۈتەلەمسەن تەنە تاپىدىن،
دىلىڭ يارا بولسا ھەر كۈنى.
مۇھەببەتنىڭ يالقۇنى تۈگەپ،
قالسا ئەگەر بىر تال ئۇچقۇنى.
展开