cover

MLD5 IF YOU  - MLD5 Group

MLD5 IF YOU -MLD5 Group.mp3
作词 : MLD5 Tutu 作曲 : big bang ‏if you بۇكىچە...
作词 : MLD5 Tutu
作曲 : big bang
‏if you

بۇكىچە ئۆزۈم يالغۇز
ئۆزۈم يالغۇز سۆرۈتۈڭگە قاراپ
ساراڭمۇ كۆڭۈلدىگەن
ئۆتمەكتە ئۇنىڭ كۈنلىرى سېنى ئويلاپ

مانا بۈگۈن كۆندۈم سەنسىز يالغۇزلۇقلارغا
ماڭا بۇ ئاسانمۇ ئېيتقىنا
يانغان بولسىدى ۋاقىت ئارقىغا
بولساڭ يېىنىمدا مەن سېغىنغاندا

if you if you
بارلىقىمنى بېرەر ئىدىم ساڭا
ئويغانساملا بۇلار چۈش بۇلۇپ قالسا

if you if you
ئۇنتاي سېنىڭسىز كۈنلەرنى مەن
ئۆتەيلى بىز بەخىت ئىچىدە قايتا
بەخىتلىك ئۆتەيلى قايتا

ھازىر سەن بەخىتلىكمۇ
بىللە يۈرگەن كۈنلەر ئېسىڭدىمۇ
خوشلاشماي ئايرىلدىققۇ ياكى بۇ
رەھىمسىز تەغدىر چاقچىقمۇ

كۆزۈم ئوچۇق كۆرگۈنۈم يىراقلاشقان سىما
قولۇم يەتمەس قولۇڭغا سەن يىراقتا
بۈگۈنكەن سۆيگىمىز گە بىرىلگەن جازا
سەن يىراقتا كەلمەيسەن قايتا

سۇئاللىرىم توختىماستىن ئايلانماقتا،
جاۋاپ كەلمەي سەندىن گۈلۈم سۆيگەن گۇناھمۇ؟
‏سوراپ سېنى ئاسمانلاردىن
ھىدىڭ پۇراپ شاماللاردىن ئېيتقىن جىنىم مەنلا سۆيگەنمۇ؟
‏ھەي يار قايتىپ كەل باغرىڭغا باس
مېنى... مەن ۋە سەنلا

تۇرسۇن MLD5
展开