Suliri Suzuk(清澈水) - Mahirena-Parhat
能正常播放的歌曲才可以下载
作词 : 民间
作曲 : 民间
قەشقەر يولى پەيزىئاۋات
شىكەر سۈيى قەن ناۋات
يارىم بىلەن بىر بولساق
چۆلنى قىلىمىز ئاۋات
ئاقىدۇ دەريالىرى سۇلىرى سۈزۇك
باغلىرىدا تاماشا ئويناڭ تۈزۈك
ئاقىدۇ دەريالىرى سۇلىرى سۈزۈك
سۇلىرىدا ئوينايدۇ بېلىق ئۈزۈپ
شايى كۆينىگىم بولسا
شامال چىققاندا كەيسەممەن
كۆڭلۈمدىكى يارىمنى
تېپىشقاندا سۆيسەممەن
قارلىغاچلار ئۇۋلاپتۇ
پىشايۋاندا ئايۋاندا
قاچانغىچە يۈرەرمىز
كۆيەك ئوتى ئارماندا.
ئەتىگەندە كۆلچەكتە
مۇز توڭلاپتۇ ئەينەكتەك
قاچانغىچە يۈرەرمىز
كاككۇك بىلەن زەينەپتەك
展开