Yengi Yillik Bahit Tilayman - Askar Muhtar
能正常播放的歌曲才可以下载
作词 : 无
作曲 : Askar Muhtar
ئۇرۇق تۇققان قېرىنداشلارغا ،
مەكتەپتىكى ساۋاقداشلارغا ،
تۇنۇش بىلىش ھەم تورداشلارغا ،
يېڭى يىللىق بەخىت تىلەيمەن .
ئارزۇيۇڭلار يەتسۇن مۇرادقا ،
كۆڭۈلسىزلىك كەتسۇن يىراققا ،
خىيالىڭلار چىقسۇن روياپقا ،
يېڭى يىللىق بەخىت تىلەيمەن .
ھۆرمىتىڭلار بولسۇن زىيادە ،
دۈشمىنىڭلار قالسۇن پىيادە ،
سالام يوللاپ مەنمۇ بۇ يەردە ،
يېڭى يىللىق بەخىت تىلەيمەن .
يەنە بىر يىل قۇشۇلدى ياشقا ،
نى قىسمەتلەر كەلدى بۇ باشقا ،
يۈرەك تەشنا كۆڭۈل ئاياشقا ،
يېڭى يىللىق بەخىت تىلەيمەن .
展开