cover

沙雅麦西莱普 XAYAR MAXRIPI - JUMAJAN BaRAT

沙雅麦西莱普 XAYAR MAXRIPI-JUMAJAN BaRAT.mp3
شايار مەشرىپى ئىككىمىز بىر مەھەللىدە، بىللە ئوين...
شايار مەشرىپى

ئىككىمىز بىر مەھەللىدە،

بىللە ئويناپ چوڭ بولغان.

ئايرىلمايمىز مەڭگۈ دەپ،

ۋەدىنى ئۆزەڭ قىلغان.

مەن خاماندا سەن باغدا،

كاككۇك سايرىغان چاغدا.

كەچتە چىقىڭ مەن ساقلاي،

ۋەدىلەشكەن شۇ جايدا.

ئوي ئېرىقتا سۇ تولا،

دۆڭ ئېرىقتا قۇم تولا،

بەش موچەنلىك ئوسما ئالساڭ،

سەكسەن خوتۇن خوش بولا.

ئوسمىنى دەمدەك قويۇپ،

قاراشلىرى باشقىچە.

يىگىت تاللاپ يۈرەملا،

ئوتتۇز قىرىق ياشقىچە.

چوڭ يولغا قوناق يايدىم،

ئويناپ كىلىپ چاچمىسىلا.

دوسىت بولايلى ئىككىمىز،

مەندىن بۇنچە قاچمىسىلا،

سەرامۇ سەرا كۆرگىلى كەلدىم،

ياخشى ياماننى بىلگىلى كەلدىم.

سەينادا يېتىپ چولپاننى كۆردۈم،

ئۇخلاپ چۈشۈمدە سەن يارنى كۆردۈم.

يار دەپ مەن ئادا بولدۇم،

غەمگە مۇپتىلا بولدۇم.

بىر كۆرۈپ جامالىڭنى،

ئاشىق بىقارار بولدۇم.

شايارىمنى چۆل دەيدۇ،

چۆل ئەمەسكەن ۋاي ئاۋات ئىكەن.

بىزنىڭ يارنى قەن دەيدۇ،,

قەن ئەمەسكەن ۋاي ناۋات ئىكەن.
展开