Seghinix - Sanubar Tursun
能正常播放的歌曲才可以下载
作词 : Awzar Bidal
作曲 : Sanubar Tursun
ئاي بولالمايمەن ئەجەب،
كۈن بولالمايمەن ئەجەب.
ھەر كۈنى ئايدەك قۇياشتەك،
يۇرتنى كۆرەلمەيمەن ئەجەب.
ئاي كېتەر يۇرتۇم تامان،
كۈن كېتەر يۇرتۇم تامان.
ئاي بىلەن كۈندەك كۆرەلمەي،
يۈرىمەن غەمدە ھامان.
تاڭدىكى ئۇچقۇر شامال،
يۇرتۇمغا ئېپ كەتكىن سالام.
مەن ئۈچۈن سۆيگىن بېرىپ،
ھەر تاڭدا ئويغانسا ئانام .
展开