cover

Ayrilip Kitarsanmu - 账号已注销

Ayrilip Kitarsanmu-账号已注销.mp3
توپ باشلىغىغا چاقچاق سىزدىن ئەھۋال سورىغاچ، مەن چا...
توپ باشلىغىغا چاقچاق
سىزدىن ئەھۋال سورىغاچ،
مەن چاقچاقنى باشلىدىم.
قۇرۇق پاراڭ سېلىشنى،
مەنمۇ ئەمدى تاشلىدىم.
بەكمۇ كەمتەر ئۇزىڭىز،
ئىقتىدارلىق ساپالىق.
ئالدىراشمۇ خىزمەتلەر،
جابەر ئىشلەپ جاپالىق.
توپتا سىزدىن سادا يوق،
كەمدىدارغۇ ئۈزىڭىز.
مەن باشلىغان چاقچاققا،
بارمۇ يۈرەك سۈزىڭىز؟
بېغىڭىزغا تېرىغان،
سەي كۆكتاتلار ئۈندىمۇ؟
گەپ سۆز قىلماي جىمجىتلا،
كۇرۇنمەيسىز چۇندىمۇ؟
توپنى ياخشى باشقۇرۇپ…
جىق تارىتتىڭىز جاپانى.
نەچچە پۇلغا ئالدىڭىز؟
ئۆيگە قويغان سافانى؟
ئۆيدە ئوڭدا ياتامسىز؟
تۇگىمەمدۇ ئىشىڭىز؟
گەپ قىلمايسىز زادىلا،
بەك ئاغرىمدۇ چىشىڭىز.
ئۇششاق چۈششەك يىمەكلىك
ئۇ زىيانلىق بۇيۇمدۇر
ئۈزىڭىزنى كۆپ ئاسراڭ،
سالامەتلىك مۇھىمدۇر.
كۇلكە چاقچاق پاراڭغا،
سىزمۇ كېلىپ قېتىلىڭ.
سۈرۈۋەرمەي خىيالنى،
سىزمۇ كۈلۈپ ئېچىلىڭ.
توپنى قۇرۇپ باشقۇرۇش،
ئاسان ئەمەس سىزگىمۇ،
چاقچاق پاراڭ قىپقۇيۇڭ،
چول تەككەندە بىزگىمۇ.
ئۈزىڭىزلا يەۋەرمەڭ،
پاقلان بىلەن ئوغلاقنى،
ئېتىپ قۇيۇڭ توپقىمۇ؟
سوغات قىزىل بۇلاقنى،
چاقچاق پاراڭ بۇلمىسا،
توپتا ئادەم تۇرامدۇ؟
چاقچاق قىلدىڭ توپتا دەپ،
دادىڭىز سىزنى ئۇرامدۇ؟
ئېغىر بېسىق تەمكىن دەپ،
توپداشلارمۇ داڭلىغان.
قوقمايدۇ دەپ سىزنى ھەم،
باشقىلاردىن ئاڭلىغان.
يېزىپ تۇرۇڭ تىرىكمەي
سىزمۇ چاقچاق قۇشاقنى،
زىرىكمەسدىن ئۇقۇيمىز،
ئاچ قويساقمۇ قۇساقنى.
جەم قىلدىڭىز دوسلارنى،
توپنى ياخشى باشقۇرۇپ،
جىمىپ كەتمەڭ ئۇنچىلا،
سىز نەۋقىران ياشتۇرۇپ.
ئۈزۈلمىسۇن چاقچاقلار،
توپتا كۈلكە قاينىسۇن.
توپداشلارمۇ شادىمان،
خۇشال بۇلۇپ يايرىسۇن.
ئەپۇ قىلىپ كەچۈرۈڭ،
ئېغىر كەلسە چاقچىغىم،
سىز قىلسىڭىز چاقچاقنى،
مېنىڭ كەلمەس ئاچچىغىم.
展开