cover

Xihaba(Qatma) - Ahmatjan-Ebrayim

Xihaba(Qatma)-Ahmatjan-Ebrayim.mp3
作词 : 无 作曲 : Ahmatjan-Ebrayim شىخابا ناخشىدا :...
作词 : 无
作曲 : Ahmatjan-Ebrayim
شىخابا
ناخشىدا : ئەخمەتجان ئىبرايىم
ئاكورتلاشتۇرغۇچى : ئەخمەتجان ئىبرايىم
ئاۋاز ئۈنۈملىگۇچى: ئەخمەتجان ئىبرايىم
شىخابادىن ئۆتتۈم مەن ئېي ئۆتتۇم مەن ،
ئاق ئۆستەڭگە تاش ئاتماي ئېي تاش ئاتماي .
شىخابادىن ئۆتتۈم مەن ئېي ئۆتتۈم مەن ،
تاش ئۆستەڭگە تاش ئاتماي ئېي تاش ئاتماي .
ئۆمرۈم شۇنداق ئۆتەرمۇيار ئېي ئۆتەرمۇ ،
سىنى ھېچكىمگە ئوخشاتماي ئېي ئوخشاتماي .
ئۆمرۈم شۇنداق ئۆتەرمۇيار ئېي ئۆتەرمۇ ،
سىنى ھېچكىمگە ئوخشاتماي ئېي ئوخشاتماي .
ئوينايمىز باراڭلىقتا يار ۋاي باراڭلىقتا ،
ياشلىقتا ساراڭلىقتا ۋاي ساراڭلىقتا .
ئوينايمىز باراڭلىقتا يار ۋاي باراڭلىقتا ،
ياشلىقتا ساراڭلىقتا ۋاي ساراڭلىقتا .
مۇزىكا
كىچە بولسا ياتمايمەن ئەي ياتمايمەن ،
دەرىزەڭدىن پاتمايمەن ئەي پاتمايمەن .
كىچە بولسا ياتمايمەن ئەي ياتمايمەن ،
دەرىزەڭدىن پاتمايمەن ئەي پاتمايمەن .
ئۆزەمنىڭ دەردىنى ئاز دەپ ئەي ئاز دەپ ،
سىنىڭ دەردىڭنى تارتمايمەن ئەي تارتمايمەن .
ئۆزەمنىڭ دەردىنى ئاز دەپ ئەي ئاز دەپ ،
سىنىڭ دەردىڭنى تارتمايمەن ئەي تارتمايمەن .
ئوينايمىز باراڭلىقتا يار ۋاي باراڭلىقتا ،
ياشلىقتا ساراڭلىقتا ۋاي ساراڭلىقتا .
ئوينايمىز باراڭلىقتا يار ۋاي باراڭلىقتا ،
ياشلىقتا ساراڭلىقتا ۋاي ساراڭلىقتا .
ھاۋادىن ئۇچۇپ چۈشكەن قارمىدۇ يامغۇرمىدۇ ،
ھاۋادىن ئۇچۇپ چۈشكەن قارمىدۇ يامغۇرمىدۇ .
مەن ئەقىدە باغلىسام يار يۈرەكىڭ تاشمىدۇ ،
جان جان يايرىم يۇرەكىڭ تاتاشمىدۇ .
مەن ئەقىدە باغلىسام يار يۈرەكىڭ تاشمىدۇ ،
جان جان يايرىم يۈرەكىڭ تاشمىدۇ .
كۆيۈپ قالدىم دىسەممۇ جان ، پەرۋايىڭ يوق مەن بىلەن .
كۆيۈپ قالدىم دىسەممۇ جان ،
پەرۋايىڭ يوق مەن بىلەن .
كۆيگەنىمنى بىلەمسەن ،
سەن ئازاپلانمىغان بىلەن .
جان جان مەن ئازاپلانغان بىلەن ،
كۆيگەنىمنى بىلەمسەن .
سەن ئازاپلانمىغان بىلەن ،
جان جان سەن ئازاپلانغان بىلەن.
ئەي نەچچە ۋاقىتتىن ئاھ ئۇرمىسام بوپتىكەن ،
ئەي نەچچە ۋاقىتتىن ئاھ ئۇرمىسام بوپتىكەن .
تېپىلسىمۇ سەندىن ئارتۇق يار ماڭا ،
تېپىلمايدۇ مەندىن ئارتۇق يار ساڭا .
تېپىلسىمۇ سەندىن ئارتۇق يار ماڭا ،
تېپىلمايدۇ مەندىن ئارتۇق يار ساڭا .
مۇزىكا
كىچىكىمدىن يۇلتۇزۇمنى ئىزدەيتىم ،
تەلمۈرۈپ مەن ھەر ئاخشىمى ئاسمانغا .
كىچىكىمدىن يۇلتۇزۇمنى ئىزدەيتتىم ،
تەلمۈرۈپ مەن ھەر ئاخشىمى ئاسمانغا .
ھەيراندۇرمەن ئۆز ئۆزۈمگە ھەيرانمەن ،
نېمە بولسۇن مېنىڭ بەختىم ئاسماندا .
ۋەيراندۇرمەن ئۆز ئۆزۈمگە ھەيرانمەن ،
نېمە بولسۇن مېنىڭ بەختىم ئاسماندا .
ئەي نەچچە ۋاقىتتىن ئاھ ئۇرمىسام بوپتىكەن ،
ئەي نەچچە ۋاقىتتىن ئاھ ئۇرمىسام بوپتىكەن .
تېپىلسىمۇ سەندىن ئارتۇق يار ماڭا ،
تېپىلمايدۇ مەندىن ئارتۇق يار ساڭا .
تېپىلسىمۇ سەندىن ئارتۇق يار ماڭا ،
تېپىلمايدۇ مەندىن ئارتۇق يار ساڭا .
ئاتاسى ئۆلمىگەن كىم بار ،
ئاناسى ئۆلمىگەن كىم بار .
ئاتاسى ئۆلمىگەن كىم بار ،
ئاناسى ئۆلمىگەن كىم بار .
ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ ،
مۇساپىر بولمىغان كىم بار .
مۇساپىر بولمىغان كىم بار ،
ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ ،
مۇساپىر بولمىغان كىم بار .
مۇساپىر بولمىغان كىم بار ،
ئا ئايجامالىم ئوي يار جامالىڭ .
ئا ئايجامالىم ئوي يار جامالىڭ .
مۇزىكا
ئاتام ئۆلۈپ يامان بولدى ،
ئانام ئۆلۈپ يامان بولدى .
ئاتام ئۆلۈپ يامان بولدى ،
ئانام ئۆلۈپ يامان بولدى .
كۆرگەنسەن چىرايىمنى ،
سارغىيىپ سامان بولدى .
سارغىيىپ سامان بولدى ،
كۆرگەنسەن چىرايىمنى .
سارغىيىپ سامان بولدى ،
سارغىيىپ سامان بولدى .
ئا ئايجامالىم ئوي يار جامالىڭ ،
ئا ئايجامالىڭ ئوي يار جامالىڭ .
ئا ئايجامالىم ئوي يار جامالىڭ ،
ئا ئايجامالىم ئوي يار جامالىڭ .
展开