Adamdak Yaxa - Yakupjan-Baki
能正常播放的歌曲才可以下载
作词 : 无
作曲 : 无
ئادەمدەك ياشا
قالمىسۇن ئىنساندا ھايۋاننىڭ ئىزى
ئادەمسەن ئالەمدە ئادەمدەك ياشا
پۇل تاپساڭ بولمايسەن تەڭرىنىڭ ئۆزى
ئادەمسەن ئالەمدە ئادەمدەك ياشا
ئەجرى يوق ئىنساندىن قارا ، يەر ياخشى
قەدىرى يوق مېھماندىن قەلەندەر ياخشى
ئەمەستۇر دوستۇڭدىن دۇر گۆھەر ياخشى
ئادەمسەن ئالەمدە ئادەمدەك ياشا
ئىت يۈرگەن گاۋداڭنى ئەرگىدۇ قاغا
گوداڭغا ئۆگەنسەڭ يوللايسەن غارغا
ئادەمسەن ئالەمدە ، ئادەمدەك ياشا
بىر كەلدىڭ بىر كەتتىڭ ئالەمدە يوق سەن
تەقدىردە بەئەينى ئېتىلغان ئوق سەن
يۈرسەڭمۇ گاھى ئاچ گاھىدا توق سەن
ئادەمسەن ئالەمدە ئادەمدەك ياشا
展开