cover

Your Dream Is My Story - Trouble-Taran

Your Dream Is My Story-Trouble-Taran.mp3
[00:00.000] 作词 : Trouble-Taran [00:01.000] 作曲...
[00:00.000] 作词 : Trouble-Taran
[00:01.000] 作曲 : Trouble-Taran
[00:22.715]dream سېنىڭ كۆرگەنلىرىڭ بولسا تاراننىڭ ھېكايىسى .
[00:27.718]ھېكايە بىلەن سۆزلىمەكچى بولغىنىم باش پېرسوناژنىڭكى كىنايىسى .
[00:30.469]بىر جاڭگالنىڭ بۆرىلىرى كېرەك ، بىر بىرسىنىڭ ھىمايىسى
[00:33.472]چۈشۈڭدە كۆرگەن dirty * leading girlنىڭ سىمايىسى
[00:36.220]قارا ، بېسىپ قالدىمۇ يوق . ئويغىنىپ كەتكىڭ بار ، چۈشۈڭدىن .
[00:38.970]ئەمما ، خىتاب قىلىمەن ئويغىنىپ كەتمە ، قابىلراق بول كۈچۈڭدىن .
[00:41.968]ئەمما ھېكايە باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا كىرىش سـۆزىمۇبار
[00:44.720]بەلكىم ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا مۇھىم شەخسنىڭ ئۆزىمۇ بار .
[00:47.722]سۆزۈم بار دەپ بىر ئېغىز كۆڭلۈڭدىكىنى كۆزۈڭ سۆزلەپ تۇرىدۇ .
[00:50.469]سېنىڭ چۈشۈڭ مېنىڭ ھېكايەم بولغاچ تەسەللىرىم كۆڭلۈڭنى تۈزلەپ تۇرىدۇ .
[00:53.223]بېشارەت بەرگەن چۈشۈڭنى سەن قارا باستى دەپ ئويلاپ يۈردۈڭ .
[00:56.219]ئەمما گۇمان سالىدىغان يېرى سەن ئۇ چۈشنى قايتا قايتا كۆردۈڭ .
[00:58.975]مەن كېچىپ ئۆتكەن كەچمىشلەرگە چۈشۈڭدە بېرىلگەن ئىزاھات .
[01:01.727]مىسكىن كۆڭلۈڭنىڭ كۆزىگە قاراپ ئاسماندىن تىلىدىڭ بىر نىجات .
[01:04.725]سەن ئۈچۈن مۇھىممۇ مەن دەپ سورىساڭ كۆزۈڭگە قارىماي دەيمەن شۇنداق .
[01:07.727]قارا بېسىپ قالغان ئۈچىنچى شەخس قىزچاقنىڭ چۈشىدە كۆرگىنى مۇنداق .
[01:09.727]
[01:10.726]سېنىڭ چۈشۈڭ بولسا مېنىڭ ھېكايەم .
[01:30.474]your dream is my story
[01:31.226]
[01:32.980]شاھزادە بىلەن مەلىكە خۇشال يۈرەتتى ھەر ۋاقىت .
[01:36.229]نۇرغۇنلىغان ئارزۇلىرى بار ئىدى باشقىسى كۆڭۈلدىن ساقىت .
[01:38.980]ياقۇت كۆزلۈك ئۈزۈك بەرگەن شاھزادە مەلىكىگە .
[01:41.978]سەۋرچانلىق بىلەن تەييارلىق قىلدى شاھزادە توي مەرىكىگە .
[01:44.730]ياتلىق بولۇشنى خالامسىز دەپ سورايدۇ شاھزادە ھەمىشە .
[01:47.732]مەلىكە چىرايىدا تەبەسسۇم ئەمما كۆڭۈلدە بىر خىل ئەندىشە .
[01:50.479]چۈنكى سەھەردە ئېچىلغان ئەتىر گۈل ئاللىبۇرۇنلا توزۇپ كەتكەن .
[01:53.482]شاھزادە ئۈزەلمەي ئەتىرگۈلنى ھېكايىسىنى ھېس قىلىپ يەتكەن
[01:56.229]مەلىكە سۇندى شاھزادىگە سولىشىپ كەتكەن ئەتىر گۈلنى .
[01:58.980]توزىتىۋەتتى يېڭىلا ئۆچكەن تەشنا يۈرەكنىڭ كۈلىنى.
[02:01.984]سۈكۈتتە قالغان شاھزادە روھى تېنىدىن ئاجرىغاندەك .
[02:04.736]گاھىدا پەلەككە نالە قىلاتتى يۈرەككە بىر نېمە سانجىلغاندەك .
[02:07.483]يىراققا كەتتى شاھزادە ، بۇ ھېكايە تامام بولدى .
[02:10.485]چۆچۈپ ئويغاندىڭ سەن چۈشۈڭدىن كۆزۈڭ ياشقا تولدى .
[02:13.483]شۇڭا كۆرگەن بۇ پاجىئەگە ناخشامدا خاتىمە بېرەي .
[02:16.234]پۇشايماننى ئالىدىغان قاچاڭغا مەن تەسەللىي تېرەي .
[02:30.735]سېنىڭ چۈشۈڭ بولسا مېنىڭ ھېكايەم .
[02:45.989]Your dream is my story
展开