Seghinarsiz - Ghulameli Ghupur
能正常播放的歌曲才可以下载
作词 : Malikam Muhammat(Hilal)
作曲 : Ghulameli Ghupur
编曲:Ahmatjan Muhammateli
录音:Yusup Kurban(Sehra)
混音:Keramjan MamatEli
خىيالىڭىز تۈنلىرىمدە كەزمىگەندە
جىمجىت كۈتۈپ سۈيىشىمنى سەزمىگەندە
ئۈكسۈشلىرىم دىلىڭىزنى ئەزمىگەندە
مەن كىتىمەن كەتكىنىمدە سېغىنارسىز
گۈل ئۈزدۈم دەپ تىكەن ئۈزۈپ سالدىڭىزمۇ
تاشلاپ كەتكەن گۈلنى ئەسكە ئالدىڭىزمۇ
سۆيگۈ ئىزدەپ دىۋانىدەك قالدىڭىزمۇ
يالغۇز قالغان كىچىلەردە سېغىنارسىز
يۈرىكىڭىز ئىزىلگەندە تىلىم تىلىم
سېغىنىشقا تۇلۇپ قايتا تالاي قېتىم
چاقىرارسىز مەن يەنىلا كەلمەس پېتىم
قەدرىم ئۆتكەن شۇ كۈنلەردە سېغىنارسىز
展开