Oghlum - Kurbanjan-ImirHesen
能正常播放的歌曲才可以下载
作词 : Kurbanjan-ImirHesen
توغرۇلىققا ئىنتىل توغرا بول ئوغلۇم
يولۇڭ توغرا بولسا گۈل ئۈنەر ئوغلۇم
كۈلپەتلەر ئالدىدا باش ئەگمە پەقەت
يىقىلساڭ ئورنۇڭدىن دەس تۇر ئوغلۇم
پۇل ۋە مال دۇنيانىڭ ئارمانى بولما
بىۋاپا دوستلارنىڭ ھەمراھى بولما
نامەردلەر ئالدىدا ۋەيرانە بولما
ھاياتتا ئەركەكتەك ياشىغىن ئوغلۇم
ئوغلۇم ئوغلۇم ياشىغىن ئوغلۇم
ھاياتتا ئەركەكتەك ياشىغان ئوغلۇم
ئوغلۇم ئوغلۇم بارلىقىم ئوغلۇم
ياخشى دوست يارەنگە جۆرە بول ئوغلۇم
ئۈمۈدۈم دىلىڭغا تولسۇن مۇھەببەت
كۆزۈڭدە پارلىسۇن كۈلسۇن مۇھەببەت
ئۆمرۈڭنىڭ مەشئەلى بولسۇن مۇھەببەت
بىر ۋاپالىق قىزنىڭ يارى بول ئوغلۇم
بالام سەن ھاياتىم چىراغنى ياق
نىيەتتە دۇرۇس بول ، كۆڭلۈڭ بولسۇن ئاق
مەردانە بول ، ھەرگىز بولمىغىن قورىققاق
بوۋاڭ ھەم داداڭنى دورىغىن ئوغلۇم
ئوغلۇم ئوغلۇم دورىغىن ئوغلۇم
بوۋاڭ ھەم داداڭنى دورىغىن ئوغلۇم
ئوغلۇم ئوغلۇم ئىزباسار ئوغلۇم
بوۋاڭ ھەم داداڭنى دورىغىن ئوغلۇم
展开