cover

Buradar - AT

Buradar-AT.mp3
作词 : AT 作曲 : Elyonbeats ھەي ، دوستۇم ھاردىڭمۇ...
作词 : AT
作曲 : Elyonbeats
ھەي ، دوستۇم ھاردىڭمۇ ھاردىم . ئەمما نېمە ئامالىم
بېسىملاردىن قالمىدى ھالىم يولۇمدىن توختاپ باقتىممۇ
كۆرمىگەننى كۆردۇق قىلمىغاننى قىلدۇق
. تۇرمۇشتىكى مەسۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالدۇق
ئوغۇلكەن دېدى كۆز ئاچتۇق ، بۇ دۇنياغا تۆرەلدۇق
. ياخشىلىق ناچارلىق ئوبدانلىقنى ئۆگەندۇق
ئاستا ئاستا چوڭ بولدۇق ئۆزگەردى ھەممىمىز ھەممىسى
چەتتە تۇرۇپ قالدۇق شۇ ، سەن بىلەن بىز
. كىچىكىمىزدە بەش ئالتىمىز يىغىلىپ ئوينايتتۇق بىز
مۆكۈش ، قالمىغانتى ، بىزمۇ ئۆتمىگەن ئېرىق ۋە ئېتىز
. ئەمدى كەلمەس كەتتى
يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولدا كېتىۋاتقان ئاپتوموبىلدەكلا غۇۋالىي سۈرەت بەك تېز .
زاكا ئاغىنەڭ يۈز بېرىدۇ سەندىن كىتاب بەتنى ئۆرىگەندەكلا ، چۈنكى يانچۇقىڭ بەك تىيىز
نەپ تەگمىسە سەندىن ئۆزىگە قوڭىنى ئېلىپ چاپلىدى يۈزىگە ،
بۇ چۈشمۇ ياق چۈشنى كېچىدىن كۆرۈپ بولدۇڭ
ھازىرقى جەمىيەتكە يېشىم ، بۇ تەمبە ئەمدى رېئاللىق .
ئاتا ئاناڭ شۇنداق تەستە ، چوڭ قىلدى
كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم قىلىمىز
. كىچىكىڭدىن ياخشى ئوقۇماي ئۆگىنىۋالدىڭ مەكتەپتىن قېچىشنى
ئاتا ئاناڭنىڭ پۇلىغا ئىچىشنى ھە چېكىشنى
ياخشى ئوقۇ دەپ دېگۈدەك گەپنىڭ ھەممىنى دەپ باقتى
قىلغۇدەك ئىشنىڭمۇ ھەممىنى قىلدى ، ئەزەلدىن ئوقۇشقا رايىڭ يوق ئىدى ، ئەمما تاللىدىڭ ئوقۇماسلىق
. مانا ئەمدى ئالدىنقى جەمىيەتكە قەدەم . لېكىن بىرەر كۈنمۇ ياشاپ باقمىدىڭ ئادەمدەك . ئادەم
. ئەسكى ئىشنىڭ ھەممىنى قىلدىڭ ئايلاندىڭ داشقالغا دوستۇم
. ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا ، ياشلىق شاشلىق دەپلا ئۆتۈكنىڭ .
يامان يولدىن قەتىيلا يانمىدىڭ دوستۇم
ئىككى يىل ئون بەش كۈندىن كەتتى ، ئەمدى يىغلاپ تۇرۇپ
. ياشلىقىڭ ئۆتۈپ كەتتى سۇدەك ئېقىنغا قوشۇلۇپ .
سېنى باققان گۇناھ ئاتا ئاناڭدا بولغاندىن كېيىن ئويلاپ قوي دېسىمۇ بىر ئۆينى ئۆي قىلىپ بەر دى
سەنمۇ ئەر بولدۇڭمۇ دوستۇم ئويلاپ قوي بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارنى ئاققۇزغىن ، ئەمدى تەرنى
ھەش پەش دېگۈچە ئارىدىن ئۆتتى قىسقا ۋاقىتسىنىڭ بالىغىڭ ئۆتكەن ئىدى
لېكىن ، بالاڭ ھازىر ئالدىڭدا چاقىردى سېنى ئاتا ئۆتنە جاھان بۇ
ئاتا ئاناڭغا سەنمۇ سالغان ، ئىدىڭ ، جاپا ئىشنىڭ بولار شۇ . سۇنىڭ بېشى لاي بولسا ئاخىرىمۇ لاي شۇ
. ئۆزۈڭگىمۇ ئاز ، شۇڭا قالغان كۈنۈڭ مۇشۇ
. يىل دېگەن بىر قاۋان بالىلىقىڭ ياشلىقىڭ ئەللىكىڭنى چىشلەپ ئەكەت يىراققا
چالما قىلىپ تاشلاپ قويدى ئاخىرىسىنى سەكراتقا
بۇ دۇنيادا يولۇچى بىز ئۆتۈپ كېتىۋاتىمىز خالاس
، مانا سەنمۇ ئاخىرقى بېكەتتە دېگىنىمنىڭ ھەممىسى .راس
بىلدىڭمۇ ئەمدى نېمىنىڭ راست نېمىنىڭ ، يالغان نېمىنىڭ بەخت نېمىنىڭ ئازابلىقىنى كېچىكتىڭ
كۆزۈڭدىكى ياش يۈزۈڭدىكى قۇرۇقلارنى بويلاپ ئېقىۋاتىدۇ
سېنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى . ھەي ئىسىت دەپلا يولىغا كېتىۋاتىدۇ ،
、مەن ماڭغاچ تۇراي ۋە سالام ئىش تامام . ئاتالمىش بۇرادىرىم
展开