Kizil Alma - Tumurhan-Rozi
能正常播放的歌曲才可以下载
作词 : Rabagul Musa
作曲 : Rozi Abduwali
سۈزۈك سۈزۈك سۇلار كەلدى توغان سېلىڭلار،
قىزىل ئالما ئېقىپ كەلدى سۈزىۋېلىڭلار.
خۇمار كۆز بىلەن يۈرسەم كۆرەلمىدىڭلار ،
يىراقلارغا ئېلىپ كېتەي ھەيران قېلىڭلار .
خۇمار كۆز بىلەن يۈرسەم كۆرەلمىدىڭلار،
يىراقلارغا ئېلىپ كېتەي ھەيران قېلىڭلار .
يىراق يىراق چۆللەرگە گۈللەرنى تەرسەم،
ماڭا كۆزلۈك لېۋەن يارغا كۆڭلۈمنى بەرسەم .
ئاشۇ گۈللۈك گۈلباغ ئىچىدە ئوينىسام كۈلسەم ،
دۈشمەنلىرىم ھەسرەتتىن ھەي ھەيران قېلىڭلار.
ئاشۇ گۈللۈك گۈلباغ ئىچىدە ئوينىسام كۈلسەم ،
دۈشمەنلىرىم ھەسرەتتىن ھەي ھەيران قېلىڭلار.
يار ۋەسلىڭگە يەتكەندە بولاي پەرۋانە،
يار سېنىڭدىن ئايرىلسام بولاي دىۋانە .
يار سېنىڭدىن ئايرىلسام بولاي دىۋانە .
مۇھاببەت ئىشقى مېنى تاشلىسا چۆلگە ،
شۇنداق مېنىڭ ئۆتەر ئۆمرۈم يىغلاپ سەرسانە.
مۇھاببەت ئىشقى مېنى تاشلىسا چۆلگە ،
شۇنداق مېنىڭ ئۆتەر ئۆمرۈم يىغلاپ سەرسانە.
展开