sarsan kiz - 账号已注销,美女、、、KILLIC
能正常播放的歌曲才可以下载
作词 : Apqilqm、、、KILLIC
作曲 : Apqilqm、、、KILLIC
دوست ئەمەس
كۈلۈپ قويۇپ ئالدىڭدا،
ماختىغانلار دوست ئەمەس.
بوسۇغاڭدىن نەپ كۆزلەپ،
ئاتلىغانلار دوست ئەمەس.
ياندا پۇلۇڭ بارىدا،
جان دوستۇم دەپ ئەركىلەپ.
كۈن چۈشكەندە بېشىڭغا،
تاشلىغانلار دوست ئەمەس.
ۋاي دەپ قويۇپ ئالدىڭدا،
لېكىن سېنىڭ ئارقاڭدىن.
غەلۋىرىدە غەيۋەتنى،
تاسقىغانلار دوست ئەمەس.
خامىنىڭغا ئوت كەتسە،
خۇشال بولۇپ كۆڭلىدە.
بىر چىلەك سۇ كۆتۈرۈپ،
چاچمىغانلار دوست ئەمەس.
قاراڭغۇدا تېنىسەڭ،
يالغۇزلۇقتا ماڭالماي.
يوللۇرۇڭغا شام چىراق،
ياقمىغانلار دوست ئەمەس.
ھايات مۈشكۈل بىر سەپەر،
داۋانلىرى كۆپ ئۇنىڭ.
شۇ داۋاندا قولۇڭنى،
تارتمىغانلار دوست ئەمەس...
展开