su boyida - 账号已注销,美女、、、KILLIC
能正常播放的歌曲才可以下载
作词 : Apqilqm、、、KILLIC
作曲 : Apqilqm、、、KILLIC
مۇشۇ كۈنلەر ، مۇشۇ ئايلاردا ،
ئاسان ئەمەس تىجارەت قىلماق .
ھەممە كىشى ئۆيىدە تۇرسا ،
ئاسان ئەمەس تاپاۋەت قىلماق .
كۆكتات ساتسا بىرى جاپادا ،
قىممەتچى دەپ تىللاپسىلەرغۇ .
بىر كۈن ئۆيدە كۆكتات قالمىسا ،
كۆكتاتقا زار يىغلاپسىلەرغۇ .
ياغ بەردى دەپ قاسساپلارنىمۇ ،
قوشاقلارغا قېتىپ سىلەرغۇ .
سېمىز قوينىڭ يېغى چىقىدۇ ،
بۇنى ھەجەپ بىلمەپسىلەرغۇ .
ھەتتا تىللاپ يېزىپ قويدۇڭلار ،
شۇ جاپاكەش ناۋايلارنىمۇ .
كەلتۈرۈڭلەر كۆز ئالدىڭلارغا ،
ئۇلار تارتقان جاپالارنىمۇ .
قىممەت ساتتى كۆكتاتنى دېدىڭ ،
توپ باھاسى ئۆرلىدى بەلكىم .
ئەرزان ساتاي دېسە بىچارە ،
ئاڭا ئەرزان بەرمىسە ھېچكىم .
ئويلىنىپ باق بىر قوينى سويسا ،
ئوخشاش چىقار يېغى بىلەن گۆش .
قارا گۆشنى بېرۋەتسە ساڭا ،
كىمگە يارار يېغى بىلەن تۆش .
ناننى ئۆرلەپ كەتتى دەپسىلەر .
ئۆزۈڭلارنى چىمدىپ بېقىڭلار ،
يالقۇنجىغان ئىسىق تونۇرغا
سىلەر بىر نان يېقىپ بېقىڭلار .
نەچچە يىلدىن تاپقان پۇلىڭغا ،
كۈندە سورۇن ، ھاراق ئىچتىڭلار .
شۇنچە قىممەت تاماكىلارنى ،
چوڭ قاپ بىلەن ئېلىپ چەكتىڭلار .
ئەجىبا قىممەت ئەمەس ئىدىمۇ ،
تاماكا ھەم ئىچكەن ھاراقلار .
ئەمدى قىممەت بىلىنۋاتامدۇ ،
جانغا ئوزۇق گۆش، ماي، كۆكتاتلار .
ئىش ئوقەتنىڭ ئاسىنى يوقتۇر ،
چوقۇم بۇنى ئويلىنايلى بىز .
بىر ئاز پايدا ئالسا ئالمامدۇ ،
ساتارمەننى تىللىمايلى بىز .
展开